ئوقتاي: ش ق ت ج ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قۇرئان كۇرسلىرى قارارى ھەققىدە توختالدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرئان كۇرسلىرى توغرىسىدىكى قارارى ھەققىدە توختالدى.
1622987
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرئان كۇرسلىرى توغرىسىدىكى قارارى ھەققىدە توختىلىپ: «قارارنىڭ يەنە كېلىپ رامىزان ئېيىدا چىقىرىلىشى ۋىجدانىمىزنى تېخىمۇ ئېغىر زېدىلىدى» دېدى.