چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ماي ئېيىدا مىسىرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ماي ئېيى (2021) نىڭ بېشىدا تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ تەكلىپكە بىنائەن مىسىرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1621852
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ماي ئېيىدا مىسىرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپ توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ مىسىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە توختالغاندا، دەسلەپتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان قانالنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ۋاستىسى بىلەن داۋام قىلىشى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «مىسىر تۈركىيەدىن بىر ھەيئەت تەكلىپ قىلدى. ماي ئېيىدا بىر ھەيئەت مىسىرغا بارىدۇ» دېدى.

ئۇ ھەيئەتنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە بولىدىغانلىقىنى، كېيىنچە ئۆزىنىڭ مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يېقىنقى يىللاردا گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەسكىنلەشكەن ھالدا داۋاملاشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇنىڭغا ئافېنا تەرەپنىڭ ھەددىدىن زىيادە سەلبىي پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن پەيدا بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىياسنىڭ بۈگۈن (2021-يىلى 15-ئاپرېل) ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ ئۇچرىشىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ياكى باشقا دۆلەتكە ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «گىرېتسىيە بىلەن كېلىشەلمىگەن مەسىلىلىرىمىز بار، بۇلارنى ئوچۇق  ۋە سەمىمىي ھالدا سۆھبەتلىشىشىمىز كېرەك. بىز بارلىق مەسىلىلىرىمىزنى سۆھبەتلىشىشكە تەييارمىز» دېدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇچرىشىشلىرىنىڭ قايتا باشلانغانلىقىنى ۋە سىياسىي مۇزاكىرەلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، گىرېتسىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن كېلىشەلمىگەن بارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سەمىمىي شەكىلدە سۆھبەتلىشىشنى پىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ شىېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قىبرىس يىغىنلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق جۇمھۇر رەئىسى ھۆرمەتلىك مۇستافا ئاكىنجى بىلەن بىرلىكتە ھەم ب د ت غا ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەتىگەندىن كەچكىچە فېدېراتسىيە مەسىلىسىنى چۈشەندۇردۇق. بۇرۇن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان مەسىلىلەردە ئارقىغا قەدەم تاشلاندى. ئەمما، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىيادىس، ‹مەن بىر نەرسە دېيىشنى خالىمايمەن› دېدى. رۇم تەرەپ داۋاملىق ئارقىغا قەدەم تاشلىماقتا. يەنە 30-20 يىل مۇزاكىرە قىلساقمۇ نەتىجە چىقمايدۇ. 53 يىل مۇزاكىرە قىلدۇق، نەتىجە چىقمىدى. بولمايدىغان ئىشنى زورلىغاننىڭ پايدىسى يوق.»

ئۇ قارادېڭىزدىكى يىرىكچىلىكلەر توغرىسىدا توختالغاندا، تۈركىيەنىڭ قارادېڭىزنىڭ تىنچلىق دېڭىزى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ يەردە بارلىق ساھىلداش دۆلەتلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىپ دېڭىز ھوقۇقى ساھەلىرىنى بەلگىلەش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھازىرقى ئۇكرائىنا-رۇسىيە يىرىكچىلىكىنىڭ، قارادېڭىزنىڭ تىنچلىق دېڭىزى بولۇشىغا كۆلەڭگە چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەم رۇسىيە ھەمدە ئۇكرائىنا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئوچۇق ۋە سەمىمىي ھالدا سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ بوغۇزلاردىن ئۆتۈشىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئۈستىدە توختالغاندا، ئامېرىكانىڭ بۇنى تۈركىيەگە ئاغزاكى يەتكۈزگەنلىكىنى، ھازىرچە ئۇقتۇرۇشنىڭ يازمىچە كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ پاراخوتلار بۈگۈن ئۆتمىگەن ئەھۋالدا 15 كۈن بۇرۇن بىلدۈرۈش مۇساپىسىنىڭ قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە مونترۆ شەرتنامىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن رۇسىيە ياكى باشقا دۆلەت ئەندىشە قىلماسلىقى كېرەك» دېدى.

ئۇ قائىدە-پىرىنسىلار ۋە چەكلىمىلەرنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى، بوغۇزلاردىن ئۆتۈشنىڭ بۇ رامكىدا بولىدىغانلىقىنى، قانال ئىستانبۇل لايىھەسىنىڭ مونترۆ شەرتنامىسىگە خىلاپ ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر