ئالتۇن: ۋىلدېرس ئىرقچىلىق، زوراۋانلىق ۋە فاشىزىمنىڭ ۋەكىلى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن گوللاندىيە ئاشقۇن ئوڭچىل ئەركىنلىك پارتىيەسى رەھبىرى يۈرەكسىزگېئېرت ۋىلدېرسنىڭ ئىرقچىلىق، زوراۋانلىق ۋە فاشىزىمغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1621295
ئالتۇن: ۋىلدېرس ئىرقچىلىق، زوراۋانلىق ۋە فاشىزىمنىڭ ۋەكىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ۋىلدېرسنىڭ رامىزان ئېيى ھەققىدە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋە ۋىلدېرسنىڭ رەسىمىگە ئورۇن بېرىپ ئېلان قىلغان ۋىدېئولۇق باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «يۈرەكسىز ۋىلدېرس ئاشقۇنلۇق، ئىرقچىلىق، زوراۋانلىق ۋە فاشىزىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھالبۇكى، ئىسلام ئاشقۇنلۇقنى، زوراۋانلىقنى، ئىرقچىلىقنى ۋە فاشىزىمنى ئەيىبلەيدۇ. ئىرىقچىلىقنى توختىتىڭلار!»

ۋىلدېرس، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئىسلامنىڭ گوللاندىيەگە ئائىت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىسلامنى ۋە رامىزاننى توختىتىڭلار» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر