تېررورچىلار قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە داۋاملىق تەسلىم بولماقتا
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان 5 تېررورچى قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
1620141
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 5 تېررورچى، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان. تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئۇلارنىڭ 2013 -، 2014 – ۋە 2015 – يىللىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى، يېقىن زامانلاردا ئىراق ۋە سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل ئىچىدە پەقەت قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 50 كە يەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.