تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى  20 دۆلەتتە 111 سۇ قۇدۇقى ئېچىپ بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى(TDV)،  20 دۆلەتتە 111 سۇ قۇدۇقى ۋە ۋەخپى چەشمىسى ئاچىدۇ. ئېچىلىدىغان بۇ سۇ قۇدۇقىدىن ۋە ۋەخپى چەشمىلىرىدىن 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى پايدىلىنىدۇ.

1619500
تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى  20 دۆلەتتە 111 سۇ قۇدۇقى ئېچىپ بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى(TDV) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى مۇتەۋەللى ھەيئىتىنىڭ 2 – باشلىقى ئېھسان ئاچىق ياردەم يەتكۈزگەن ئىنسانلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئېھسان ئاچىق ھاياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ۋە پائالىيەتلىرىنى بۇ يۆنىلىشتە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «رامىزان ياردەملىرى ئۈچۈن 75 دۆلەتتە ئۈمىد بىلەن يولىمىزنى ساقلاۋاتقان زۇلۇمغا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا شۇنداقلا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەملەرنى يەتكۈزۈۋاتقان گۇرۇپپىلىرىمىز ئېھتىياجلىق دۆلەتلەر ۋە رايونلاردا سۇ قۇدۇقلىرى ۋە ۋەخپى چەشمىلىرىنى ئېچىش خىزمەتلىرىنى  داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. «بۇ دائىرىدە، 20 دۆلەتتە 111 سۇ قۇدۇقى ۋە ۋەخپى چەشمىسىنىڭ ئېچىشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پاكىز ئىچىملىك ​​سۇغا ئېرىشىشتە ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايمىز. ئېچىلىدىغان بۇ چەشمىلەردىن 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى پايدىلىنىدۇ» دېدى.

ئېھسان ئاچىق 2015-يىلىدىن 2020 -يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا 32 دۆلەتتە 440 سۇ قۇدۇقى ۋە ۋەخپى چەشمىسى ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر