چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە كۇۋەيت بىلەن ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1617345
چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن كۇۋەيتنىڭ تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە ئىچكى كابىنېتقا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئەھمەد ناسىر مۇھەممەد ئەسساباھ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە – كۇۋەيت ھەمكارلىقى قوشما كومىتېتى يىغىنىغىمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىككى مىنىستىر، ئارقىدىن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەنسەپدىشى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ: «رايونلۇق مەسىلىلەردە قاراشلىرىمىزنىڭ ئوخشاشلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىمەن. ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ رايوندىكى مەقسىتى تىنچلىق، مۇقىملىق، خاتىرجەملىك ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، كۇۋەيتنىڭ رايونلۇق مەسىلىلەردە ئۈستىگە ئالغان مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ كۇۋەيتنىڭ بۇ مۇھىم رولىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر