ئامېرىكالىق سىياسىي نەزەرىيەچىدىن تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلرىغا مەدھىيە

ئامېرىكالىق سىياسىي نەزەرىيەچى فىرانسىس فۇكۇياما، تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى تۈركىيەنىڭ رايوندىكى چوڭ كۈچ سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشىگە مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ئېيتتى.

1616356
ئامېرىكالىق سىياسىي نەزەرىيەچىدىن تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلرىغا مەدھىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكالىق سىياسىي نەزەرىيەچى فىرانسىس فۇكۇياما «ئامېرىكا نىشانى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدا، تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۆز رايونىدا پەيدا قىلغان كۈچلۈك تەسىرىنى ماختىدى.فۇكۇياما «ھەربىي قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتتى. تۈركىيە رايوندا ئاساسلىق ئاكتىيورغا ئايلاندى» دېدى.

فىرانسىس فۇكۇياما تۈركىيەنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى لىۋىيە، سۈرىيە تاغلىق قاراباغدا شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە بولسا، تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن تەسىرى كۈچلۈك بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان فۇكۇياما «ئەڭ يېڭى تۈرك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تولىمۇ ئۈنۈملۈك ئىدى، مەسىلەن؛ «TB2» ھاۋادا 24 سائەت تۇرالايدۇ، ھەم رازۋېدكا قىلىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالايدۇ» دېدى.

فۇكۇياما سۈرىيە، لىۋىيە ۋە تاغلىق قاراباغدا ئىشلىتىلگەن تۈركىيە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆتىگەن ۋەزىپىلىرىنىڭ ھەيران قالارلىق بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئەرمېنىيەنىڭ ھەربىي ئامىللىرىغا كەلتۈرگەن زىيىنىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىر بولغانلىقىنى يازدى.

فۇكۇياما يېقىنقى يىللاردا تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ھازىرقى دەۋر ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار 2020-يىلى تۈركىيەنىڭ رايوندىكى چوڭ كۈچ سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. مەزكۇر 3 ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىنى كونكېرت شەكىلدە بەلگىلىدى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر