ئەردوغان: يۇقۇمغا قارشى كۈرەش بىر مىللىي مەسىلىدۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يۇقۇمغا قارشى كۈرەشكە سىياسەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر مىللىي مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1616546
ئەردوغان: يۇقۇمغا قارشى كۈرەش بىر مىللىي مەسىلىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بىز يۇقۇمغا قارشى كۈرەشنى سىياسەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، 84 مىليون (خەلق)نىڭ ھەممىسىنىڭ سالامەتلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مىللىي مەسىلە دەپ قارايمىز» دېدى.

ئەردوغان سۆزى جەريانىدا تۈركىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈچەيتىش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىر تەرەپتىن چېگرالىرىمىز ئىچى – سىرتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن ھەربىي – سىياسىي تەرەپدارلىرىغىچە كەڭ كەتكەن فىرونتتا كۈرەش قىلساق، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر