تۈركىيەدە بۈگۈن 193يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن193كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1615237
تۈركىيەدە بۈگۈن 193يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن193كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى32مىڭ 456گە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 245مىڭ.496كىشىنىڭ 1مىڭ 706نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى42مىڭ551گە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان25مىڭ627كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى3مىليون 130مىڭ977گە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر