چاناققەلئە ۋە ئىزمىردا ئونلارچە مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسىدە كېمىسىدە كاشىلا كۆرۈلۈپ دېڭىزدا لەيلەپ قالغان 54 مۇساپىرنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى.

1614078
چاناققەلئە ۋە ئىزمىردا ئونلارچە مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى ئاھمەتچە رايونى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر كېمىنىڭ كونترولسىز لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېمىسىنىڭ موتورىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان 54 مۇساپىرنى قۇتقۇزۇۋالدى.

قۇرۇقلۇققا چىقىرىلغان مۇساپىرلار كېرەكلىك رەسمىيەتلەر بىجىرىلگەندىن كېيىن ئايۋاجىك ناھىيەلىك چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر