ئوقتاي نېگىرغا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، نېگىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بازۇمنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نېگىرغا يېتىپ بارى.

1613288
ئوقتاي نېگىرغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فۇئات ئوقتاينى نېگىر باش مىنىستىرى بىرىگى رافىنى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئايرودۇرۇمدا قارشى ئالدى.

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي ئۇيەردە باش مىنىستىر رافىنى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ئۇقتاي ماخاتما گاندى خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.

نېگىردا 21 – فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى باسقۇچلۇق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ كاندىداتى بازۇم غەلىبە قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر