تۈركىيە موزامبىكتە داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە موزامبىكنىڭ شىمالىدىكى كابو دېلگادو ئۆلكىسىدە 24 – مارتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، موزامبىكنىڭ شىمالىدىكى كابو دېلگادو ئۆلكىسىدە 24 – مارتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلۈپ، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىنىپ، مۇنداق دېيىلدى: «دوست دۆلەت موزامبىك خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىمىز، رايوندا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
موزامبىك، تەبىئىي گاز ۋە قىممەتلىك كان مەنبەلىرى مول تانزانىيە چېگراسىدىكى كابو دېلگادو ئۆلكىسىدە بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىققان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەنسارۇسسۈننەگە قارشى رۇس ۋە جەنۇبىي ئافرىقالىق ياللانما ئەسكەرلەردىن ياردەم ئالماقتا.
تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1.3 مىليون كىشى بىخەتەرلىك كىرىزىسىگە دۇچ كەلدى.
موزامبىكتە ئەنسارۇسسۈننە تەشكىلاتىنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 670 مىڭ كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئەتتى.
تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپا، يەرلىك خەلق ئارىسىدا «ئەششەباب» دەپ ئاتىلىدۇ.