تۈركىيەدە بۈگۈن 155يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن155كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1611543
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن155كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى31مىڭ 385كە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 235مىڭ.298كىشىنىڭ 1مىڭ 376نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى37مىڭ303كە يەتتى.
داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان19مىڭ925كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2مىليون 995مىڭ33كە يەتتى.