چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 9 – نۆۋەتلىك «ئاسىيانىڭ قەلبى  - ئىستانبۇل باسقۇچى» ناملىق  مىنىستىرلار كونفېرانسى ئۈچۈن زىيارەتتە بولۇۋاتقان تاجىكىستاندا ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

1611365
چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئافغانىستاندا تىنچلىق مۇساپىسى ھالقىلىق بىر سەۋىيەگە يەتكەن بىر پەيتتە، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبەدە بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى توغرۇلۇق ئىستانبۇلدا ئاپرېلدا چاقىرىلىدىغان يىغىنغا ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە مۇھىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردۇق، ئافغانىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن يېقىندىن كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر