ئەردوغان ئىستانبۇلدا كۈنتەرتىپتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا ۋاكسىنا ئەملەش مۇساپىسىنى ماي ۋە ئىيۇن ئايلىرىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياز ئېيىنى خاتىرجەم باشلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1609205
ئەردوغان ئىستانبۇلدا كۈنتەرتىپتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش مۇساپىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۈمىدىمىز، ماي ياكى ئىيۇن ئايلىرىدا ۋىرۇسنىڭ تۈگىشى» دېدى.

ئۇ خىتاي ۋاكسىنالىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، كېيىنكى تۈركۈم ۋاكسىنالارنى تاپشۇرۇشتا كېچىكىش بولغانلىقىنى ۋە مەسىلىنىڭ خىتاي تەرەپكە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ گېرمانىيەدىن 1 مىليون 400 مىڭ ۋاكسىنانىڭ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «گېرمانىيەدىن جەمئىي 10 مىليون ۋاكسىنا كېلىدۇ. رۇسىيە بىلەن سۆھبىتىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ ۋە كىلەر ئاي ۋاكسىنا جەھەتتە راھەتلەيمىز. بۇ مۇساپىدە ۋاكسىنانى خەلقىمىز ئۈچۈن ئۈنۈمى يۇقىرى مەنبە سۈپىتىدە كۆرىمىز. يەرلىك ۋاكسىنا تەتقىقاتىمىزمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىدە يۈز بەرگەن جامە ھۇجۇمى توغرىسىدا توختالدى ۋە: «ناھايىتى ئەپسۇسكى، رۇملا بۇ خىل ئىشلارنى پات-پات قىلىدۇ. بۇ ھۇجۇمنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنى مەزگىلىدە يۈز بېرىشى، ئىغۋاگەرچىلىكتىن بارشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەرتنامىسىدىن چېكىنگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باسقان قەدەم پۈتۈنلەي قانۇنغا ئۇيغۇن ۋە بۇ قەدەم ئارقىلىق يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىز قارارىمىزنى قىلدۇق. شەرتنامىگە قانداق قېتىلغان بولسا، شۇنداق چىقىپ كېتىمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر