تۈركىيەدە 14 مىليوندىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەنگەن

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدە ھازىرغىچە 14 مىليوندىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1608668
تۈركىيەدە 14 مىليوندىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەنگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىلىم كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋاباغا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ: «1.4 مىليون دانە بىيونتېك (BioNTech) ۋاكسىناسى كەلدى. بۇ سان ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا 4.5 مىليونغا يېتىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇمچە، 30 مىليون دانە ۋاكسىنا كېلىشىمى ئىمزالاندى» دېدى.

ئۇ ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 100 مىليون دانە ۋاكسىنانىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «دۆلىتىمىز بۈگۈن يەرلىك ۋاكسىنانىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق سىناقلىرىنى باشلىدى. بۇ ۋاكسىنا تۈرى پۈتكۈل دۇنيادىكى يېڭى تېخنىكا قوللىنىلغان ۋاكسىنا نامزاتلىرىدىن بىرى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر