ئەردوغان «دىيارباكىر ئانىلىرى»نى يوقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پەرزەنتلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان دىيارباكىردىكى كۆزى ياشلىق ئانىلارنى زىيارەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1607525
ئەردوغان «دىيارباكىر ئانىلىرى»نى يوقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنقەرە تەنتەربىيە زالىنىڭ سىرتىدا كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان پارتىيە مەنسۇپلىرىغا خىتاب قىلدى.

سۆزى جەريانىدا پارتىيەسىنىڭ ئەزا سانىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ياش، بەش مىليوندىن ئارتۇق ئايال ئەزاسى قوشۇلۇپ جەمئىي 13 مىليون 500 مىڭغا يەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «تۈركىيە ئۇياقتا تۇرسۇن، دۇنيادا بۇنداق بىر سىياسىي پارتىيە يوق» دېدى.

سۆزى ئەسناسىدا پەرزەنتلىرى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن دىيارباكىرلىق ئانىلار توغرىسىدا توختىلىپ: «دىيارباكىردىكى كۆزى ياشلىق ئانىلىرىمىزنى بىۋاسىتە بېرىپ زىيارەت قىلىمىز، ئىنشائاللاھ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر