مۇستاپا شەنتوپ تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى يىغىنىدا كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ، تۈركىيەنىڭ قايتىدىن دۇنياۋى كۈچ ۋە مەدەنىيەت قۇرغۇچىسى بولۇش ئىرادىسى يولىنىڭ، سۈپەتلىك مائارىپ ۋە مائارىپ ئېكسپورتىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1605905
مۇستاپا شەنتوپ تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى يىغىنىدا كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك دۆلەت ۋەكىللىرى مەسلىھەت يىغىنىغا تور ئارقىلىق قاتناشتى.

مۇستاپا شەنتوپ يىغىندىكى سۆزىدە، «ئىنسانغا سېلىنغان مەبلەغ بارلىق دۆلەتلەرگە پايدا بېرىدىغان شەكىلدە مىۋىسىنى بەرمەكتە. تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى مەكتەپلىرىمۇ بۇ ئۇلۇغ مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا» دېدى.

مۇستاپا شەنتوپ، «تۈركىيەنىڭ قايتىدىن دۇنياۋى كۈچ ۋە مەدەنىيەت قۇرغۇچىسى بولۇش ئىرادىسىنىڭ يولى سۈپەتلىك مائارىپ ۋە مائارىپ ئېكسپورتىدىن ئۆتىدۇ. تۈركىيەنىڭ يېڭى ئەۋلادلاردا چوڭقۇر ۋە يىلتىزدىن جانلاندۇرۇش پائالىيىتىنىڭ، ئىلىم-ئىرپان قوينىدىكى ئۆزگەرتىش بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر