بالىكەسىردە 48 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىتتىرىپ تاشلىۋېتىلگەن 48 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1605888
بالىكەسىردە 48 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگە دېڭىزىنىڭ ئايۋالىق تەۋەلىكىدە بىر يەل قولۋاقتا كۆچمەنلەرنىڭ بارلىقى مەلۇماتىنى ئالغان تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رايونغا يېتىپ باردى.

مىدىللى ئارىلىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان مۇساپىرلار گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىتتىرىپ تاشلىۋېتىلگەن 48 كۆچمەن، جۇندا ئارىلىدىكى ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق مەركىزىگە ئېلىپ كېلىندى.

كۆچمەنلەرگە يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بېرىلدى، سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى.

ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسىدىمۇ گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىتتىرىپ تاشلىۋېتىلگەن 22 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ناھىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر گۇرۇپپا كىشىنىڭ يەل قولۋاقتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، ساھىل بىخەتەرلىك مەركىزى رايونغا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئەۋەتتى.

گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىتتىرىپ تاشلىۋېتىلگەنلىكى ئېنىقلانغان يەل قولۋاقتىكى 22 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

كۆچمەنلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن، كۆچ ئىدارىسىغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

چەشمە ناھىيەسىدىمۇ گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىىن دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگەن ۋە ئۈچ كۈندىن بۇيان تېپىلمايۋاتقان بىر كۆچمەن، تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن بوغۇز ئارىلىدا تېپىلدى.

سومالىدىن كەلگەن 16 ياشلىق مۇھەممەد سەييىدنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگەن مۇھەممەد سەييىدنىڭ يەل كەنجەسىنىڭ سايىسىدا ھاياتتا قالغانلىقى ۋە سۇ ئۈزۈپ بوغۇز ئارىلىغا كەلگەنلىكى، ئارالدىكى پاكىزە سۇدىن ئىچىپ ۋە ئوت-چۆپ يەپ جېنىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلدى. 19-مارت (2021) چەشمە دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ بارلىقى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۈچ كىشىنى قۇتقۇزۇۋالغان، ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقان ئىدى. يوقاپ كەتكەن بىر كۆچمەننى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر