ئىبراھىم كالىن ئامېرىكاغا «S-400» توغرىسىدا سىگنال بەردى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋالغان «S-400» لەرنىڭ ناتو مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1597157
ئىبراھىم كالىن ئامېرىكاغا «S-400» توغرىسىدا سىگنال بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن بلۇمبېرگ (Bloomberg) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ، «ئامېرىكانىڭ پ ي د|ي پ گ گە قىلىۋاتقان ياردىمى، ‹S-400› لەر بىلەن كائاتسا ‹CAATSA› (ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولار ئارقىلىق كۈرەش قىلىش قانۇنى) ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىشى ئىكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئۇ ناھايىتى ئەپسۇسكى ھازىرغىچە بۇ مەسىلىلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق قەدەم تاشلانمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىنىڭ مەركىزىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مەزكۇر مەسىلىلەرنىڭ ئىجابىي دىيالوگ يولى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ۋە سەمىمىي ھالدا سۆھبەتلىشش ئارقىلىق ھەل قىلالايدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ چۈشىنىشى كېرەك بولغان ئىش، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىز ئۈچۈن قانچىلىك ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى...» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «S-400» سېتىۋېلىش قارارىنى بىر كېچىدە بەرمىگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «قولىمىزدىكى ‹S-400› لەر ناتو مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمەيدۇ ۋە ناتو مۇداپىئە سىستېمىسىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ئورۇندا بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ «S-400» لەرنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمى توغرىسىدىكى سوئالغا: «تۇنجى كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك مۇساپە داۋاملىشىۋاتىدۇ ۋە ھەممىسى ئوخشاش مۇساپىنىڭ پارچىلىرى. ئوخشاش كېلىشىمنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلاردا ئىجرا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇساپە داۋاملىشىۋاتىدۇ.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن باشقا، فىرانسىيە-ئىتالىيە بىرلىكتە ياسىغان «SAMP/T» باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى سېتىۋېلىشنىمۇ خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بىراق، فىرانسىيە سۈرىيەنى باھانە قىلىپ مۇساپىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى قارار قىلدى. فىرانسىيە بىلەن بۇ مۇساپىنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بىز ھەر خىل يوللارغا ئىشىكىمىزنى تاقىمايمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «پىرېزىدېنت بايدىننىڭ نۇرغۇن ئىچكى سىياسەت مەسىلىلىرى بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. بىز كەسىپداشلىرىمىز بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلدۇق. ئىككى رەھبەر بىر كۈنى جەزمەن كۆرۈشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر