چاۋۇشئوغلۇ: مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ مىسىر بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىمىز مۇمكىن

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ، مىسىر بىلەن مىسىر سالاھىيەت تەۋەلىكى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ بىر كېلىشىم ئىمزالاش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتتى.

1594349
چاۋۇشئوغلۇ: مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ مىسىر بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىمىز مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىت زالكالىيانى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

چاۋۇشوغلۇ، 18 - فېۋرالدا مىسىرنىڭ ئاقدېڭىزدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئېلان قىلغان رۇخسەت ساھەلىرىدىن 18 – ساھە بىلەن تۈرك دېڭىز ساھەسىنىڭ چېگرالىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋابەن، مىسىرنىڭ ئۆتكەن يىلى  گىرېتسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغاندىمۇ تۈركىيە دېڭىز ساھەسىنىڭ جەنۇبىي چېگرالىرىغا ھۆرمەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مىسىرنىڭ تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرمەستىن ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىدە بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ: «مىسىر بىزنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا، بىز بۇنىڭغا ئىجابىي قارايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز بويىدىكى ئەڭ ئۇزۇن چېگرالارغا ئىگە ئىككى دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ، بىزمۇ مىسىر بىلەن مىسىر سالاھىيەت تەۋەلىكى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ بىر كېلىشىم ئىمزالىشىمىز مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر