جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەتە «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى»نى ئېلان قىلىدۇ

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى ئەتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.

1592615
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەتە «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى»نى ئېلان قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەتە (سەيشەنبە) ئېلان قىلىنىشى جاكارلانغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنىڭ ھەل قىلغۇچ نىشانىنىڭ «يېڭى شۇنداقلا پۇقراۋى ئاساسىي قانۇنى تۈزۈپ چىقىش» ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغان «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى» پىروگراممىسىغا، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ تەكلىپ قىلىندى.

تۈركىيە ۋاقتى سائەت 13:30 دا باشلىنىدىغان يىغىن بەشتەپە مىللەت قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىنغا يەنە، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ، يۇقىرى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى كابىنېت ئەزالىرى، غەيرىي مۇسۇلمان جامائەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، باش ئەلچىلەر بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى ۋەكىللىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى، فاكۇلتېت مۇدىرلىرى، ئاكادېمىكلار، ئادۋوكاتلار ۋە ژۇرنالىستلار ئىشتىراك قىلىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى، تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق سىياسەت ھۆججىتى بولىدۇ. بۇ پىلان قانۇن ۋە مەمۇرىي پائالىيەتلەرنى ئوچۇق – ئاشكارىلىق ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ. مال - مۈلۈك ھوقۇقى، ئېرىشىلگەن ھوقۇق، جىنايەت ۋە جازانىڭ خاراكتېرى، شۇنداقلا گۇناھسىزلىقنىڭ ئاساس ئىكەنلىكى پىرىنسىپى كۈچلۈك تەكىتلىنىدىغان مەزكۇر پىلان ئارقىلىق بۇ ساھەلەردە ھەر خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ روياپقا چىقىرىلىشى كۆزدە تۇتۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر