چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيە پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيە پىرېزىدېنتى زوران مىلانوۋىچ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

1591690
چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيە پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان كىرودىيەدە، تۈنۈگۈن پىرېزىدېنت مىلانوۋىچ، باش مىنىستىر ئاندرېج پلېنكوۋىچ ۋە پارلامېنت باشلىقى گوردان جاندروكوۋىچ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى، ھەمدە پىرېزىدېنت مىلانوۋىچ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم تەزىيە بىلدۈردۇق، كۈندىلىك رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق.»

چاۋۇشئوغلۇ، باش مىنىستىر ئاندرېج پلېنكوۋىچ بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ، ئۇنىڭغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، تۈرك شىركەتلىرىنى قوللىغانلىقلىرى ئۈچۈن كىرودىيە رەھبەرلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردۇق. يەر تەۋرەش رايونلىرىنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشىغا ياردەم بېرىشكە تەييارمىز، كىرودىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدىكى ئىجابىي رولى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئۇ، كىرودىيە پارلامېنت باشلىقى گوردان جاندروكوۋىچ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپنىڭ سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىدى كېيىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقىمىز كىرودىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ، پارلامېنتلار ئارا دىپلوماتىيەنىڭ كۈچىگە ئىشىنىمىز، پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر