تۈركىيەدە بۈگۈن 73يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن73كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1590887
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن73كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى28مىڭ 358گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 126مىڭ.527كىشىنىڭ658نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 9مىڭ572گە يەتتى.
داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان6مىڭ210كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2مىليون 546مىڭ503كە يەتتى.