تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «ماۋى ۋەتەن — 2021» ناملىق ھەربىي مانېۋىر باشلاندى
تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقىدىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىمۇ ئىشىتراك قىلغان «ماۋى ۋەتەن — 2021» ناملىق ھەربىي مانېۋىر باشلاندى.
1590685
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگە ۋە ئاقدېڭىزدا باشلانغان «ماۋى ۋەتەن — 2021» ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا 169 پاراخوت بىلەن نۇرغۇن ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ئىشتىراك قىلماقتا.