تۈركىيە ئەرمېنىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1590702
تۈركىيە ئەرمېنىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى، ئەرمېنىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۈچۈن ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سىججارتو بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى مىنىستىر قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلىدۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ ئەرمېنىيەدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشلارغا قارشىمىز، ئەرمېنىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ قاتتىق ئەيىبلەيمىز. سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن بىر ھۆكۈمەتنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. رايون دۆلەتلىرى بىلەن بۇ ھەقتە نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى مەسلىھەتلىشىۋاتىمىز. سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قەدەملەر ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى پىرىنسىپال پوزىتسىيە بولۇپ،  بىز سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى باش ئىشتابى باشلىقى ئونىك گاسپارىيان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر نىكول پاشىنياننى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان؛ پاشىنيان بولسا، دۆلەتتە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ سادىر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش ئىشتاب باشلىقى گاسپارياننى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر