ئەردوغان: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى - مىللىي مەسىلە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى مىللىي مەسىلە بولۇپ، ئۇ ھەر خىل سىياسىي تالاش - تارتىش، پىلان ۋە كۈندىلىك قۇتۇپلىشىشلارنىڭ ئۈستىدە تۇتۇلۇشى كېرەك» دېدى.

1585778
ئەردوغان: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى - مىللىي مەسىلە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «تېررورلۇقتىن تارتىپ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكىچە بولغان ھەر خىل ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ تۈركىيەنى تىز پۈكتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلارغا خەلقىمىز مۇستەقىللىقى ۋە كەلگۈسىگە ھاياتى بەدىلىگە ئىگە چىقىش ئارقىلىق تارىخىي ساۋاق بەردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ 2015 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ چېگرايىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىمىزدە شېھىت بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ سانى  401 نەپىرى ئەسكەر، 443 نەپىرى قوراللىق ساقچى قىسىم، 229 نەپىرى ساقچى، 116 نەپىرى ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ جەمئىي 1259دۇر. دۆلەت ئىچىدە ئالتە مىڭ، سىرتىدا 6900 بولۇپ جەمئىي 12 مىڭ 900 دىن ئارتۇق تېررورچى يوقىتىلدى. پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈلگەن ئومۇمىي تېررورچىلار سانى 17 مىڭ 750 كە يەتتى.»

«بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزدە بىرمۇ رايون ياكى خەلقنى مۇستەملىكە قىلىش ئەيىبى يوقتۇر، بولمىدى ۋە بولمايدۇ» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن — ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ يەر قالپىقى قارىسىدىنمۇ ناچارلىقىغا قارىماي— دۆلىتىمىزگە ئىنسانلىق، ھوقۇق، ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھەققىدە تەلىم بەرمەكچى بولغانلارغا شۇنى دەيمەنكى، ئالدى بىلەن ئەينەككە قاراپ، ئۆزۈڭلارنىڭ رېئاللىقى بىلەن يۈزلىشىڭلار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان يەنە: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى مىللىي مەسىلە بولۇپ، ئۇ ھەر خىل سىياسىي تالاش - تارتىش، پىلان ۋە كۈندىلىك قۇتۇپلىشىشلارنىڭ ئۈستىدە تۇتۇلۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر