تۈركىيە نېگىرىيەدىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە، قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ نىگېرىيەدىكى بىر ياتاقلىق مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، بىر ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈپ، 40 تىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلىپ قاچقان قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.
1585779
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «بىر قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ نىگېرىيەنىڭ نىگېر ئۆلكىسى كاگارا رايونىدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ 40 تىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلىپ قاچقانلىقى، شۇنداقلا ۋەقە ئەسناسىدا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.