ئەردوغان گارادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا تۈركىيە پۇقراسى 13 كىشىنى شېھىت قىلىشىغا سۈكۈت قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1583946
ئەردوغان گارادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا تۈركىيە پۇقراسى 13 كىشىنى شېھىت قىلىشىغا سۈكۈت قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بولاڭ – تالاڭغا يول يوق، ئەگەر سىلەر بىلەن دۇنيادا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتودا ئىتتىپاقداشلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولساق، تېررورچىلارنىڭ يېنىدا تۇرمايسىلەر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ رىزە يەنىشەھىر يېپىق تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 7 – نۆۋەتلىك رىزە قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى.

ئەردوغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 13 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ شېھىت قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلغان ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇلاڭ – تالاڭغا يول يوق، ئەگەر سىلەر بىلەن دۇنيادا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتودا ئىتتىپاقداشلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولساق، تېررورچىلارنىڭ يېنىدا تۇرمايسىلەر. سىلەر پ ك ك نىڭ، ي پ گ نىڭ، پ ي د نىڭ سېپىدە تۇرمايتتىڭلارغۇ؟ سىلەر ئۇلارنىڭ سېپىدە ۋە ئارقىسىدا تۇرۇۋاتىسىلەر . بۇ بىگۇناھلارنىڭ قېنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئىگە چىققان، قوللىغان ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغان بارلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا چاچرىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشۋىقات ساھەسىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەنسۇپلىرى، ھەممىڭلار  بىگۇناھ، قورالسىز 13 كىشىنىڭ پەسكەشلەرچە ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ جاۋابكارىسىلەر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گارادىكى «بۈركۈت پەنچىسى – 2» ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىرىنچى قەدەمدە ئۇلارنىڭ بارلىق ئۇۋىلىرى، ئۆڭكۈرلىرى ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا كىرىمىز دېگەنىدۇق، 42 تېررورچى بۇ ئەسنادا ئۇجۇقتۇرۇلدى. يىلسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرالايدىغان نە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى، نە بىر پىچكا كۈچ يوق. ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئالدىغا چىقالمىغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ — ئەپسۇسكى — پەسكەشلىكتە چەك – چېگراسى يوق. بۇلار پەسلا ئەمەس، ئازگالدۇر» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئارمىيەمىزنىڭ زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە قارىماستىن، دۆلىتىمىز ئېھتىياجلىق بولغان ۋە خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ ئېلىپ بارالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزى ئەسناسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پۇقرالار قەتلىئاملىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۇقرالار قەتلىئاملىرىنى كىتابلاشتۇرىدىغان بولساق، غەربلىكلەرنىڭ شانلىق ئېنسىكلوپېدىيەلىرىنىڭ ھەجىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ» دېدى.

«تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بېشىنى پۈتۈنلەي ئىزىپ تاشلاش بىزنىڭ بۇرچىمىزغا ئايلاندى» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «گارادىكى قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ھېچقانداق دۆلەت، تەشكىلات، قۇرۇلما ۋە شەخس تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ توغرا – خاتالىقىنى دەتالاش قىلالمايدۇ. ئىراق مەركىزىي ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلاش مەسىلىسىدە ھەمپىكىرمىز. پۇلىنى تۈلىگەن ھەممىلا ئادەم ئىشلىتەلەيدىغان ياللانما قاتىللار پادىسىغا ئايلانغان پ ك ك نىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز كېچىلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز تېررورچىلارنىڭ ئۈستىگە مىنگۈدەك كۈچ، ۋاسىتە ۋە ئىرادىگە ئىگىمىز. قاندىل، سىنجار ۋە سۈرىيەدىكى ھەر قانداق يەر تېررورچىلار ئۈچۈن بىخەتەر ئەمەس.

مەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىچىدىكى ئالدانغان ياشلارغا چاقىرىق قىلىمەن، كېلىڭلار، بۇ ياللانما قاتىللار توپىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇڭلار. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى، سەمىمىي پۇشايمان قىلىپ ئۆزىگە مۇراجىئەت قىلغان ھەر بىر پۇقراغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ» دېدى.

ئەردوغان: «بۇنىڭدىن كېيىن، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئىككى خىل يول بار. يا تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئامانسىز، لېكىنسىز، ئەمماسىز ھالەتتە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ، ياكى بۇ قولى قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەر بىر جىنايىتىنىڭ شېرىكى بولۇپ، ھەم ئۆز ۋىجدانىغا ھەمدە خەلقئارا مۇنبەرلەردە ھېسابىنى بېرىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر