ئەردوغان ئافغانىستان قاتناش مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافغانىستان قاتناش مىنىستىرى قۇدرەتۇللاھ زەكىنى قوبۇل قىلدى.
1573301
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان قوبۇلدا، تۈركىيە قاتناش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرىمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھەمراھ بولدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە – ئافغانىستان قاتناش ۋە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا «قاتناش ساھەلىرىدە تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى» ئىمزالاندى.