تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى: گېرمانىيەگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ تېببىي ماسكا تاقىشى شەرت قىلىنىدۇ

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى گېرمانىيەگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ 1 – فېۋرالدىن باشلاپ تېببىي ماسكا تاقايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1573025
تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى: گېرمانىيەگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ تېببىي ماسكا تاقىشى شەرت قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، گېرمانىيەگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ 1 – فېۋرالدىن باشلاپ تېببىي ماسكا تاقايدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارارنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئالاقىدار ئورگانلار تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇقتۇرۇشتا: «1 – فېۋرالدىن باشلاپ گېرمانىيەگە بارىدىغان بارلىق يولۇچىلاردىن FFP2, KN95, N95 ياكى بىرلا قېتىم ئىشلىتىلىدىغان تېببىي ماسكا تاقىشى تەلەپ قىلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر