تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 132 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازاقىلغانلارنىڭ سانى 132 كىشىىگە يەتتى.
1572431
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 25 مىڭ 416 گە يەتتى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 179 مىڭ 419 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 675 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 8 مىڭ 803 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 331 مىڭ 314 كە يەتتى.