تۈركىيە «ھولوكوست» قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە، ناتسىستلار ھاكىمىيىتى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرى تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن 6 مىليون يەھۇدىي بىلەن سىگانلار ۋە مېيىپلارنى قوشقاندا، جەمئىي 11 مىليون «ھولوكوست» (چوڭ قىرغىنچىلىق) قۇربانلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1572094
تۈركىيە «ھولوكوست» قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «خەلقئارا <ھولوكوست> ( چوڭ قىرغىنچىلىق)نى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ 2005-يىلى  1 - سىنتەبىردە ب د ت غا سۇنىشى بىلەن ب د ت تەرىپىدىن ھەر يىلى 27 - يانۋارنىڭ «خەلقئارا <ھولوكوست> ( چوڭ قىرغىنچىلىق)نى خاتىرىلەش كۈنى» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن «ھولوكوست» (چوڭ قىرغىنچىلىق) قا ئوخشاش ئازابلىق ۋەقەلەر تۇرۇغلۇق، ھازىرمۇ  يەھۇدىي نەپرىتى، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش، چەتئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش ۋە ئىرقچىلىق قاتارلىق كەمسىتىش ئىدىئولوگىيەلىرىنىڭ ئاساس يارىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

نەپرەتنى ئاساس قىلغان باياناتلار ۋە جىنايەتلەر مىقدارىدا دۇنيا بويىچە ئېشىش كۆرۈلىۋاتقانلىقىنىڭ تولىمۇ ئەندىشە ياراتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۇرىدىغان نەپرەت ئاساسىدىكى ھەر خىل خىرىىسلارغا شۇنداقلا  ھەر تۈرلۈك ئايرىمچىلىقلارغا قارشى كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا بۇ مەقسەت بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىق ئورنىتىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ، «خەلقئارا <ھولوكوست> ( چوڭ قىرغىنچىلىق)نى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ناتسىستلار ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن يەھۇدىيلار بىلەن سىگانلار ۋە مېيىپلارنى قوشقاندا، جەمئىي 11 مىليون <ھولوكوست> (چوڭ قىرغىنچىلىق) قۇربانلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.  بۇ ۋەھشىيلىكتىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قولىنى سوزغان تۈرك دىپلوماتىيە خادىملىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم ھۆرمەت بىلەن خاتىرلەيمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئۆتمۈشتە ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن دۆلەتلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان مىڭلىغان يەھۇدىيلارغا ساھىبخانلىق قىلىپ،  <ھولوكوست> ( چوڭ قىرغىنچىلىق)ىدىن قۇتۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان تۈركىيەنىڭ، بۈگۈنمۇ  زۇلۇم ۋە ۋەھشىلىكلەردىن قېچىپ كېلىۋاتقانلارغا دەرۋازىسىنى ئوچۇق تۇتۇۋاتقانلىقى ۋە مىليونلىغان ئىنساننىڭ قوغدىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.  

باياناتتا ئۆتمۈشتىكى پاجىئەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىنسانپەرۋەرلىك پىرىنسىپلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر