تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ لىۋىيەدىكى پائالىيەتلىرى توختاۋسىز داۋاملاشماقتا
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ لىۋىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پارتلىغۇچى ماددىلارنى تازىلىغۇچى ئەترىتى پائالىيەتلىرىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرماقتا.
1572284
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ھەربىي مەشىق، ھەمكارلىق ۋە مەسلىھەتچىلىك كېلىشىمى دائىرىسىدە لىۋىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھاۋا ئارمىيەمىز قارمىقىدىكى پارتلىغۇچى ماددىلارنى تازىلىغۇچى قىسىملىرىمىز، لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىزمەتلىرىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.