چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي كەيپىياتنىڭ يارىتىلغان بولۇشى مۇھىم

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بېلگيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن كۆرۈشتى.

1568457
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي كەيپىياتنىڭ يارىتىلغان بولۇشى مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە ئىجابىي ئاتموسفېرا شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنى سىجىللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن كونكېرت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بېلگيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن كۆرۈشتى.

ۋىزىنى ئەمەلدىن  قالدۇرۇش ۋە تاموژنا ئىتتىپاقى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى رەھبەر قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بورېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بىريۇسسېلغا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان چاۋۇشئوغلۇ، بۈگۈن ۋە ئەتىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ناھايىتى زىچ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2020 – يىلىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن <مەسىلىلەر يىلى> بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ: «دېكابىردىكى باشلىقلار يىغىنى ئىجابىي مۇھىت يارىتىش يولىدىكى بەرپاچى بىر ئۆزگىرىش بولدى» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارىشىنى ياقلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە - ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي كەيپىيات يارىتىلغان بولۇشى مۇھىم. ئۇنى سىجىللاشتۇرۇش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش زۆرۈر. تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى رايونىمىزدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىش جەھەتتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا توختىلىپ: «بىزنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز توغرىسىدا ناھايىتى ئەتراپلىق بىر يىغىن چاقىرىش تەكلىپىمىز بار ئىدى، بىز بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قەدەم باسقۇچلىرىمىز توغرىسىدىمۇ سۆزلىشىمىز. بىز بۈگۈن ۋە ئەتىكى يىغىنلىرىمىزدا سۆھبەتداشلىرىمىزغا ئۈمىدلىرىمىزنى يەتكۈزىمىز. مەن بۇ يىغىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىجابىي ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بوررېل تۈركىيە - گىرېتسىيە سۆھبەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشنى خالايمىز. بىز ھەر ئىككى تەرەپتىكى كەيپىياتىنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. تۈركىيە بىلەن گرېتسىيەنىڭ سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياخشى قەدەم ھېسابلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر