ئەردوغان: مىللىي قۇرۇلمىمىزنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېز ئۇچۇر يوللاش پىروگراممىلىرى جەھەتتىن ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلمىسىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1563242
ئەردوغان: مىللىي قۇرۇلمىمىزنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رادىيو – تېلېۋىزىيە ۋە ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ «2019 – يىللىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ساھەسى ئوسكار مۇكاپاتلىرى» مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئاممىۋى تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ، تۈركىيەدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تېررورىزم ۋە زوراۋانلىقنى ماختايدىغان شەخسلەرنىڭ سەھىپىلىرى ھەققىدە چىقارغان قارارلىرىنىڭ ھېچبىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى كۆزىتىش مەسىلىسىدە ئۆزلىرىنى قانۇندىنمۇ ئۈستۈن دەپ قارايدىغان ئاممىۋى تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ قەتئىي بېسىملىرىغا باش ئەگمەيمىز. بىز دۆلىتىمىزنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە تېررورىزمغا قانداق يول قويمىغان بولساق، تېررورىزمغا زېمىن ھازىرلىنىشىغىمۇ شۇنداق يول قويمايمىز .»

تېز ئۇچۇر يوللاش پىروگراممىلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە، بىز بۇ ساھەدىكى يەرلىك ۋە مىللىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلمىلىرىمىزنىڭ كۈچىنى بىز ئارزۇ قىلغان ئەڭ يۈكسەك سەۋىيىگە يەتكۈزىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر