تۈركىيەدە بۈگۈن 170يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن170كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1563889
تۈركىيەدە بۈگۈن 170يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 173كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى23مىڭ 495كە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 169مىڭ.847كىشىنىڭ958 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 8مىڭ962گە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 9مىڭ11كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2مىليون 236مىڭ938گە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر