تۈركىيە - ئەزەربەيجان - پاكىستان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئىسلامئابادتا چاقىرىلدى

پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا چاقىرىلغان تۈركىيە - ئەزەربەيجان - پاكىستان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

1563420
تۈركىيە - ئەزەربەيجان - پاكىستان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئىسلامئابادتا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە، پاكىستان ۋە ئەزەربەيجاننىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاشقا قارار قىلدۇق» دېدى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا چاقىرىلغان تۈركىيە - ئەزەربەيجان - پاكىستان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ: «خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاشقا قارار قىلدۇق. يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىمىزنىڭ بىرىنچى قېتىملىقىنى 2017 – يىلى باكۇدا چاقىرغانىدۇق، ئەمدى نۆۋەت تۈركىيەگە كەلدى. بۈگۈن بىز بۇ خىل يىغىنلارنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. باشقىچە دېگەندە، ئۈچ - تۆت يىل ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشى ۋە ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بولۇپمۇ قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئۇل ئەسلىھەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشىمۇ دۆلىتىنىڭ تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بىلەن قويۇق ۋە دوستانە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئۇ ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە ئىنتايىن كۈچلۈك ئىشەنچ بەرپا قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

يىغىندا سودا، سېلىنما ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرى شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ۋە سىياسىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان قۇرەشى، ئۈچ دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان مەسىلىلەردە يېقىن ئوي ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بولسا: «پاكىستان ۋە تۈركىيە شىركەتلىرىنى بىز (ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن) ئازاد قىلغان زېمىنلار (تاغلىق قاراباغ)نىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا قېتىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن» دېدى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن، تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي، تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان «ئىسلامئاباد خىتابنامىسى» ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر