چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مۇناسىۋەتلەردە تەھدىت ۋە ئېمبارگونىڭ ئورنى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1563577
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، دۇنيا ئاخباراتچىلار كېڭىشىنىڭ «يەرشارى مېدىيا ژۇرنىلى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت ۋە ئورتاق قىممەت قاراشلارنى ئاساس قىلغان چوڭقۇر، شۇنداقلا سىناقلاردىن ئۆتكەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

چاۋۇشوغلۇ، ئەگەر ئامېرىكا ئەنئەنىۋى بىتەرەپ مەيدانىدا چىڭ تۇرسا، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە رايونغا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەردە ئىجابىي رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكانىڭ فەتۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (فەتۆ) ۋە ي پ گ غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكى ياكى ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى بۇ مەسىلىلەردە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

چاۋۇشئوغلۇ، «قانداقلا بولمىسۇن، بىز سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق ئىختىلاپلىرىمىزنى يېڭىشىمىز كېرەك دەپ قارايمىز. تەھدىت ۋە جازا سۆزلىرىنىڭ بۇنداق مۇھىم مۇناسىۋەتتە ئورنى يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە قارشى ئېلان قىلغان «ئامېرىكانىڭ رەقىبلىرىگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئارقىلىق كۈرەش قىلىش قانۇنى» غا ئاساسەن جازا يۈرگۈزۈش قارارلىرىنى ئەيىبلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى (دونالد ترامپ)نىڭ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە رايوندىكى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە دۆلەت ئىچى سىياسىي مەنپەئەتلەرگە باش ئېگىشى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال. ئەلۋەتتە تۈركىيە بۇ قارارغا قارشى تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايدۇ ھەمدە مۇۋاپىق دەپ قارىغان شەكىلدە ۋە زاماندا قايتۇرما ئۇسۇل قوللىنىدۇ. بىز ئامېرىكانىڭ بۇ ئېغىر خاتالىقنى تېزدىن تۈزىتىشىنى كۈتىمىز ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر