ئەردوغان: بىزگە 2023 نىشانلىرىغا تولۇق يەتمەي توختاپ قېلىش ھارام

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنى 2023- يىللىق نىشانىغا يەتكۈزمەي تۇرۇپ توختاش، تۇرۇپ قېلىش، ھەتتا بىر مىنۇتنى ئىسراپ قىلىشنىڭمۇ ھارام ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1562951
ئەردوغان: بىزگە 2023 نىشانلىرىغا تولۇق يەتمەي توختاپ قېلىش ھارام

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك قىرشەھىر، قىرىققەلئە، يوزگات ۋە سىۋاس ۋىلايەتلىرى قۇرۇلتايلىرىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلدى.

ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ كوۋىد – 19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن توختىتىپ قويۇلغان قۇرۇلتايلىرىنى بۈگۈندىن تارتىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «مەقسىتىمىز فېۋرالنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئېچىشنى پىلانلىغان ئىزمىر، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل قۇرۇلتايلىرى بىلەن بۇ جەرياننى تاماملاشتىن ئىبارەت» دېدى.

ئۇ، 2023- يىلدىكى سايلامدا مۇتلەق كۆپ سانلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقلىرىنى، ھەمدە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا يەنە غەلبە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولغان)نى 2023 نىشانلىرىغا تولۇق يەتكۈزمەي تۇرۇپ، بىزگە توختاش، تۇرۇپ قېلىش، ھەتتا بىر مىنۇتنى ئىسراپ قىلىشمۇ ھارام» دېدى.

«بىزنى نە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارا نىيەتلىرى، نە قۇيرۇق ئاغرىقى بىلەن بىزگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ئويۇنلىرى، نە ئالدىمىزغا قۇرۇلغان قىلتاقلار چارچىتالمايدۇ» دېگەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەڭدۇق، يېڭىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر