تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 176 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازاقىلغانلارنىڭ سانى 176 كىشىىگە يەتتى.
1560853
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 22 مىڭ 807 گە يەتتى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 162 مىڭ 786 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 1017 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 8 مىڭ 103 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 198 مىڭ 150 كە يەتتى.