مۇستاپا شەنتوپ ھىندونېزىيەگە تەزىيە تېلەكلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ ھىندونېزىيەدىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە تېلەكلىرىنى بىلدۈردى.

1560591
مۇستاپا شەنتوپ ھىندونېزىيەگە تەزىيە تېلەكلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، «ھىندونېزىيەدە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى چۇڭقۇر ئازابلىنىش ئىچىدە ئاڭلىدىم. ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تېلەيمەن، ئازابلىق يېقىن -يورۇقلىرىغا ۋە قېرىنداش ھىندونېزىيە خەلقىگە تەزىيە تېلەكلىرىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇمۇ ھىندونېزىيەلىك مەنسەپدىشى رېتنو مارسۇدى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ مارسۇدىغا ئايروپىلان قازاسى سەۋەبىدىن تەزىيە تېەكلىرىنى بىلدۈردى.

ھىندونېزىيەدە سىرىۋىجايا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە «SJ182» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ 12 خادىمى ۋە 50 يولۇچى بىلەن پايتەخت جاكارتانىڭ شىمالىدىكى دېڭىز قىرغىقىدا لاكى ۋە لەنكاڭ ئارىلى ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ كەنتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر