ئەردوغان: مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنى جان تىكىپ قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەردائىم ۋە قانداق بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر مۇقەددەس ۋەتەن ۋە شانلىق بايراقنى ساداقەت بىلەن جان تىكىپ قوغداشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1560283
ئەردوغان: مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنى جان تىكىپ قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، «بىرىنچى ئىىنۆنۈ زەپىرىنىڭ 100 – يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەنىڭ غەربىي ئالدىنقى سېپىدە گىرېتسىيە ئارمىيەسىگە قارشى كىرگەن تۇنجى جېڭى بولغان «بىرىنچى ئىنۆنۈ ئۇرۇشى» دا قولغا كەلتۈرگەن زەپىرىنىڭ، تارىختىكى پارلاق مۇۋەپپەقىيەت ئۆرنەكلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «بىرىنچى ئىىنۆنۈ زەپىرى» نىڭ «ئازادلىق ئۇرۇشى» نىڭ شانلىق غەلىبە بىلەن نەتىجىلىنىشىنىڭمۇ خۇش خەۋەرچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «غازى مۇستاپا كامالنىڭ <يېڭى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ كىچىك، ئەمما مىللىي پىرىنسىپلىق ئارمىيەسى، ئەڭ مۇشەققەتلىك شارائىتتا ئۆزىدىن 3 ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن ئارمىيەسىنى ئىنۆنۈ مەيدان ئۇرۇشىدا يەڭدى> تەرىقىسىدىكى سۆزلىرى بىلەن تونۇشتۇرغان  زەپەر، خەلقىمىزنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈرەش جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتتى. ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ئىمكانسىزلىقلار ئىچىدىمۇ مۇستەقىللىق يولىدا جان پىدا قىلىش بەدىلىگە ئېلىپ بارغان كۈرىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق زەپەرلىرىمىز كېلەچىكىمىز ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى بولۇشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ. بىزمۇ ھەردائىم ۋە قانداق بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر، مۇقەددەس ۋەتەن ۋە شانلىق بايراقنى ساداقەت بىلەن جان تىكىپ قوغداشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، غازى مۇستاپا كامالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <مۇستەقىللىق كۈرىشى> نىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئىپتىخالىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ياد ئېتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر