ئىزمىردا كۆپ ساندا كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى
ئىزمىردا گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 28 كۆچمەن — پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1559636
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بىر كامېر كېمىدىكىلەرنىڭ ياردەم تەلىپىگە ئاساسەن رايونغا يېتىپ بېرىپ، 28 كۆچمەننى قۇتقۇزدى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.