ئەردوغان: مىللىي ئالەم قاتنىشى پىلانىمىزنى يېقىندا ئېلان قىلىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  تۈركىيەنىڭ 2021-2030-يىللىق مىللىي ئالەم قاتنىشى پىلانىنى پات يېقىندا ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1560063
ئەردوغان: مىللىي ئالەم قاتنىشى پىلانىمىزنى يېقىندا ئېلان قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەردوغان،  سۈنئىي ھەمراھ تېخنولوگىيە ھەپتىلىكى مەخسۇس يىغىنىغا ئىستانبۇلدىكى  ۋاھدەتتىن سارىيىدىن نەق مەيدان بىۋاسىتە ئۇلىنىپ، قاتناشتى ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن «تۈركسات 5A سۈنئىي ھەمراھى» سەپىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركسات 5A سۈنئىي ھەمراھى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ سانىنى 7 گە يەتكۈزگەن بولدۇق. ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھلىرىمىزدىن 3 ى خەۋەرلىشىش، 3 ى كۆزىتىش مەقسىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيە ئالەم بوشلۇقىدا ئوربېتىدا ھوقۇقىگە ئىگە 30 دۆلەتتىن بىرى. شەرقىي ئوربېتىسىدىكى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى ئۇدا 30 يىل كاپالەت ئاستىغا ئالىمىز.»

تۈركىيەگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «تۈركسات 5A سۈنئىي ھەمراھى» لايىھەسىدە، ئىشلەپچىقىرىلىشىدا، ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىشىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە رەھمەت ئېيتقان ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «< تۈركسات 5B سۈنئىي ھەمراھى> دىن  يېڭى بىر سەۋىيەگە ئۆتۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. نىشانىمىز، < تۈركسات 6A سۈنئىي ھەمراھى > نىمۇ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئوربېتىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر.»

ئالدىمىزدىكى يىل « İMECE» ناملىق مىللىي لايىھەگە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنىمۇ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىدىغانلىقلىرى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر يەتكۈزگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 2021-2030-يىللىق مىللىي ئالەم قاتنىشى پىلانىنىمۇ  پات يېقىندا ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى، مىكرو سۈنئىي ھەمراھ مۇئەسسەسەسى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ھاياجانلىرىنى خۇرسەنلىك بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز. كەڭ دائىرىلىك ئىشلىتىش ساھەسىگە ئىگە ئالەم قاتنىشى ۋە سۈنئىي ھەمراھ تېخنولوگىيەلىرى ساھەسىدە دۆلىتىمىزنى ماركىغا ئايلاندۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر. بارغانسېرى مۇستەھكەملەۋاتقان ئۇل ئەسلىگە قۇرۇلمىمىزنى ئۆزىمىز بىلەن بىرلىكتە بارلىق دوستلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ئىمكانىيىتىگە سۇنۇۋاتىمىز، ھەمدە ئۇلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىمىز. ئالەم بوشلۇقىدىكى مەۋجۇدىيىتىمىزنى، قابىلىيەتلىرىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش غەيرەتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر