شەنتوپ، قالىن، ئالتۇن ۋە بوزقىر ئامېرىكادىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ،ئىبراھىم قالىن، فاھرەتتىن ئالتۇن، ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋولقان بوزقىر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

1559106
شەنتوپ، قالىن، ئالتۇن ۋە بوزقىر ئامېرىكادىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پىرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تۈنۈگۈن نامايىشچىلارنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كىرىشكە تەشەببۇس قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئۆزگىرىشلەرنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق تەرەپلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتىمىز، بارلىق تەرەپلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەمىشە قانۇن ۋە دېموكراتىيە ئاساسىدا ھەل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىمىز، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەردائىم قانۇن ۋە دېموكراتىيە تەرەپدارى بولۇپ كەلدۇق، ھەممىگىمۇ بۇنى تەۋسىيە قىلىمىز.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا پىرېزىدېنت ترامپنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزگەن بىر گۇرۇپپىنىڭ ساقچىلارنىڭ توسۇقلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا كىرىشكە تەشەببۇس  قىلىشى ھەققىدە، ھەم ئىنگلىزچە ھەم تۈركچە  ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دېموكراتىيەنىڭ بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قانۇن – بەلگىلىمىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋولقان بوزقىر، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئېلان قىلغان باياناتىدا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىشكە تەشەببۇس قىلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەرنى قاتتىق ئەپسۇسلىنىش ۋە ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەتلەردىن بىرى. بۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، ساھىبخان دۆلىتىمىزدە دېموكراتىك باسقۇچلاردا تىنچلىق ۋە ھۆرمەتنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر