كوسوۋۇدىكى ۋەقەدە يارىلانغانلار تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى

كوسوۋۇنىڭ فېرىزوۋىك شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا 5-يانۋار (2021) يۈز بەرگەن گاز پارتلاشتا ئېغىر يارىلانغان تۆت كىشىدىن ئىككى نەپىرى داۋالاش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

1559169
كوسوۋۇدىكى ۋەقەدە يارىلانغانلار تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقى بىلەن، كوسوۋۇنىڭ فېرىزوۋىك شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە يارىلانغان تۆت كىشىنى تۈركىيەدە داۋالاش ئۈچۈن كوسوۋۇغا مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىلدى ۋە ئەنقەرە ۋاقتى 08:50 ئۆتكەندە ئىككى يارىدارنى ئېلىپ ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىندى.

كوسوۋۇغا ئەۋەتىلگەن ئايروپىلاننىڭ يەنە ئىككى يارىدارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يارىدارلار باغجىلار تەلىم-تەربىيە ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسى بىلەن كارتال دوكتور لۇتفى كىردار شەھەر دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىدۇ.

5-يانۋار فېرىزوۋىك شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا گاز پارتلاپ 40 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان بولۇپ، ئەھۋالى ئېغىر بولغان 14 كىشى پرىشتىنەدىكى كوسوۋۇ ئۇنىۋېرستېتى دوختۇرخانىسىغا ياتقۇزۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر