چاۋۇشئوغلۇ سومالىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان شىركەتنىڭ ساھىبى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سومالىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تۈرك شىركىتى ئەنئەز گۇرۇھىنىڭ ساھىبى ھىدايەت زورلۇ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1557870
چاۋۇشئوغلۇ سومالىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان شىركەتنىڭ ساھىبى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، زورلۇ، ئۇچرىشىشتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سېلىم قىرانغا ھۇجۇم ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، سومالىدا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان تۈرك شىركەتلىرى ۋە خىزمەتچى – خادىملىرىنىڭ تۈرلۈك ھۇجۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

چاۋۇشئوغلۇمۇ زورلۇغا ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان خىزمەتچى – خادىملىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن ھال سورىغان.

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇ ۋە ئافگويې رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يول قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان ئەنئەز گۇرۇھى 2 – يانۋار كۈنى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا ئىككىسى تۈرك 5 كىشى قازا قىلغان، 3 ى تۈرك 14 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر