ئەردوغان ئالسانىنىڭ زىيارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانىنىڭ زىيارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1535143
ئەردوغان ئالسانىنىڭ زىيارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈركىيە – قاتار ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى» نىڭ 6 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى ۋە ھەيئىتى بىلەن بىر قاتار مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك كېلىشىملەرنى ئىمزالىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كۆڭۈل رىشتىلىرىمىز بىلەن ئايرىلماز بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغان قېرىنداش قاتار خەلقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى ھەر ساھەدە مۇستەھكەملەپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر