ئەردوغان قاتار ئەمىرىنى مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «6-قېتىملىق تۈركىيە-قاتار ئالىي ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتى يىغىنى» يىغىنى ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەن قاتار ئەمىرى تەمىم ھامېد بىن ئالسانىنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى.

1534973
ئەردوغان قاتار ئەمىرىنى مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا راۋاجلىنىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەر خىل مۇناسىۋەتلەر رامكىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «6-قېتىملىق تۈركىيە-قاتار ئالىي ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتى يىغىنى» پايتەخت ئەنقەرەدە ئېچىلىدۇ.يىغىنغا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى تەمىم ھامېد بىن ئالسانى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

يىغىن ئۈچۈن تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم ھامېد بىن ئالسانى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى. مۇراسىمدىن كېيىن، ئەردوغان بىلەن ئالسانى ئايرىم كۆرۈشتى ۋە ئارقىدىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى.

ھەيئەتلەر ئۇچرىشىشى ئاخىرلاشقاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل ساھەلەر بويىچە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى ئالسانى يېقىنقى 70 ئايدا 18-قېتىملىق ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر